ۋېن جياباۋنىڭ شۋېتسىيە زىيارىتى مەزگىلىدە شۋېتسىيە باش ۋەزىرى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

شۋېتسىيە باش ۋەزىرى فرېدرىك رېئىنفېلدت سەيشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبىتىدە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەم تىبەت مەسىلىسى ھەققىدىمۇ توختالغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.04.24

شۋېتسىيە باش ۋەزىرى رېئىنفېلدت 24-ئاپرېل سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن، شۋېتسىيىگە زىيارەت ئۈچۈن كەلگەن خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن كۆرۈشكەن.
باش ۋەزىر فرېدرىك بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ۋېن جياباۋ بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئۆزىنىڭ ۋېن جياباۋ بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقتىن باشقا، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ۋە بارغانچە يامانلىشىۋاتقان تىبەت ۋەزىيىتى ھەققىدىمۇ سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ شۋېتسىيە باش ۋەزىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقان مەزگىلدە، شۋېتسىيە ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا توپلانغان تىبەت نامايىشچىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن. ۋېن جياباۋنىڭ بۇ قېتىمقى 8 كۈنلۈك ياۋروپا زىيارىتى 20-ئاپرېل ئۆتكەن جۈمە كۈنى باشلانغان.

ۋېن جياباۋنىڭ گېرمانىيىدىكى زىيارىتى مەزگىلىدە، گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار ھەم سۈرىيىلىك ئۆكتىچىلەر ۋېن جياباۋغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ھەم بەشەر ئەساد ھۆكۈمىتىنىڭ سۈرىيىدىكى ئۆكتىچىلەرنى قانلىق باستۇرۇشىغا سۈكۈت قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.