شىنخۇا بۇ ھەقتە خەۋر بەرگەن بولسىمۇ، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىدىن، جۈملىدىن ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغان راھىپنىڭ ھايات ياكى ئۆلگەنلىكى ھەققىدە ئېغىز ئاچمىغان. لوندوندىكى ئەركىن تىبەت توربېتىدە، مەزكۇر راھىپنىڭ ئىسمىنىڭ سىۋاڭ نوربۇ ئىكەنلىكى، بۇ يىل 29 ياشقا كىرگەنلىكى ۋە ئۆزىگە ئوت قويۇشنىڭ ئالدىدا «ياشىسۇن دالاي لاما»دەپ توۋلىغانلىقى بايان قىلىنغان.
سىچۈەننىڭ گارزى تىبەت ئوبلاستى، يېقىنقى يىللاردىن بېرى، خىتايغا قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى شىددەتلىك شەكىلدە ئىپادىلىنىۋاتقان تىبەت رايونلىرىدىن بىرىدۇر. ئۆزىگە ئوت قويۇۋېلىش تىبەتلىكلەر ئارىسىدا پات ئۇچراپ تۇرىدىغان بىر تۈر نارازىلىق ئىپادىلەش ۋە ئاخباراتنى جەلپ قىلىش شەكلىدۇر.
ئۆزىگە ئوت قويۇۋېلىش شەكلىدە نارازىلىق بىلدۈرۈش 2008-يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك مەزگىلىدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ بىر قېتىم يۈز بەرگەن.
شۇ قېتىمدا مەمەت تۇرسۇن ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆزىگە ئوت قويغان. ئەمما شىددەت يولىنى تاللىغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئارىسىدا خىتاينىڭ دۆلەت ئاپپاراتلىرىغا ھۇجۇم قىلىش يەنىلا ئاساسى ئېقىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.