لاخدار براھىمى، خىتاينى سۈرىيىدىكى زوراۋانلىققا خاتىمە بېرىشتە ئاكتىپ رول ئويناشقا چاقىردى

ب د ت ۋە ئەرەب ئەللىرىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى لاخدار براھىمى خىتاينى زىيارەت قىلىپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېچى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى ۋە خىتاينى سۈرىيىدىكى زوراۋانلىققا خاتىمە بېرىشتە ئاكتىپ رول ئويناشقا چاقىردى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.10.31

خىتاي ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئەسئەد ھۆكۈمىتىنى جازالاش ھەققىدىكى قارارلىرىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. لاخدار براھىمى چارشەنبە كۈنى ياڭ جيېچى بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىپ، مەن سۈرىيىدىكى ۋەقەنىڭ ھەل قىلىنىشىدا خىتاينىڭ ئاكتىپ رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېگەن.

بۇ براھىمىنىڭ يېقىنقى 2 ئاي ئىچىدە ياڭ جيېچى بىلەن سۈرىيە مەسىلىسىنى 3‏-قېتىم مۇزاكىرە قىلىشى. ياڭ جيېچى مۇخبىرلارغا ئەسكەرتىپ، ئۇلارنىڭ مۇزاكىرىسى «ئۆز-ئارا چۈشەنچىنى ئالغا سۈرۈش»، «سۈرىيە مەسىلىسىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش»قا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇلارنىڭ كونكرېت سۆھبەت مەزمۇنىنى ئاشكارىلىمىدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇڭ لېي خىتاينىڭ سىياسىتىنى ئاقلاپ، ئۇنىڭ سۈرىيىدىكى توقۇنۇشنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشتا ئىجابىي ۋە ئاكتىپ رول ئويناپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىراق، خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن بىرلىشىپ، ب د ت قارارلىرىنى رەت قىلىشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرى ۋە سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان. لاخدار براھىم، خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى»، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ سۈرىيىگە ئۇيغۇر جەڭچىلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۆكتىچى كۆچلەرنىڭ سېپىدە ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن مەزگىلدە بېيجىڭنى زىيارەت قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.