خىتايدا تاغ گۈمۈرۈلۈپ 44 ئادەم ئۆلدى

خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسىدە شەنبە كۈنى تاغ گۈمۈرۈلۈپ 44 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.01.12


خىتاي ئاخباراتىغا قارىغاندا ھادىسە يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ جاۋجياگو يېزىسىدا كۆرۈلگەن. ئاپەتتە جەمئىي 14 ئائىلىلىك پاتقان ئاستىدا قېلىپ، 46 ئادەم كۆمۈلۈپ قالغان. بۇلارنىڭ 44 نەپىرى ئۆلگەن بولسا، قالغان ئىككىسىنىڭ ئىز - دېرىكى يوق ئىكەن.

خەۋەردە تاغ گۈمۈرۈلۈشنىڭ قانداق كېلىپ چىققانلىقى كۆرسىتىلمىگەن. خىتايدا ئۆتكەن يىلى كۈزدىلا ئارقا - ئارقىدىن ئىككى قېتىم تاغ گۈمۈرۈلۈش يۈز بېرىپ، دەسلەپكىسىدە 81 ئادەم ئۆلگەن بولسا، كېيىنكىسىدە 18 ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.