خىتاي ئاخباراتىغا قارىغاندا ھادىسە يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ جاۋجياگو يېزىسىدا كۆرۈلگەن. ئاپەتتە جەمئىي 14 ئائىلىلىك پاتقان ئاستىدا قېلىپ، 46 ئادەم كۆمۈلۈپ قالغان. بۇلارنىڭ 44 نەپىرى ئۆلگەن بولسا، قالغان ئىككىسىنىڭ ئىز - دېرىكى يوق ئىكەن.
خەۋەردە تاغ گۈمۈرۈلۈشنىڭ قانداق كېلىپ چىققانلىقى كۆرسىتىلمىگەن. خىتايدا ئۆتكەن يىلى كۈزدىلا ئارقا - ئارقىدىن ئىككى قېتىم تاغ گۈمۈرۈلۈش يۈز بېرىپ، دەسلەپكىسىدە 81 ئادەم ئۆلگەن بولسا، كېيىنكىسىدە 18 ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.