«قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايىفنىڭ تەختىنى كۈيئوغلى تىمۇر قۇلىبايېف ئىگىلىشى مۇمكىن»

قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازابايىفنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىلىرىدىن بىرى بولغان يارمۇقامەت يەرتىسبايېف ئەگەر نازاربايىف ئۇشتۇمتۇت ۋەزىپىسىدىن قالسا، ئۇنىڭ تەختىنى نازاربايىفنىڭ ئوتتۇرانچى كۈيئوغلى تىمۇر قۇلىبايېفنىڭ ئىگىلەش ئېھتىماللىقىنى ئاشكارىلىغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011.07.25

تېمۇر قۇلىبايېف، نازاىربايېفنىڭ ئوتتۇرانچى قىزى دىنارانىڭ يولدىشى شۇنداقلا قازاقىستان ئىقتىسادىنىڭ 90% ئىنى ئىلىكىدە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان سامرۇق-قازنا شىركىتىنىڭ خوجايىنى.

بۇندىن بۇرۇن ژۇنالىستلار، نازاربايېفننىڭ تەختىنى قۇلىبايېفنىڭ ئىگىلەيدىغانلىقى ھەققىدە كۆپ قېتىم پەرەزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇ قېتىمقىسى تۇنجى قېتىم نازاربايېفنىڭ ئەڭ يېقىن كىشىلىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىدۇر.

نازاربايېف يېقىندىن بېرى قازاقىستاننىڭ سىياسەت سورۇنلىرىدىن ئۇشتۇمتۇت غايىب بولغان. گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرى ئۇنىڭ نۆۋەتتە گېرمانىيىدىكى بىر دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

نۇرسۇلتان نازاربايېف دەۋرى قازاقىستاندا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكەتلىرىگە بىر قاتار چەكلىمىلەرنى قويغان ۋە ئەرشىدىن ئىسرائىلغا ئوخشاش بىرقانچە مۇھىم سىياسىي پاناھلانغۇچىلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىسلىدە خىتايغا يانتاياق بولغان ئىدى.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى سوۋېت قالدۇقى ئەمەلدارلار ۋەزىپىسىدىن ئايرىلسا، يېڭى ئەۋلاد رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئەجدادلىرىغا نىسبەتەن ئىنسانىي پوزىتسىيىدە تۇرالايدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلىشماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.