تەيۋەن بۈگۈن خىتاينىڭ 'بىر جۇڭگو' دېگەن شەرتىنى قوبۇل قىلمىدى

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي بۈگۈن تەيۋەنگە، ئەگەر تەيۋەن 'بىر جۇڭگو' دېگەن شەرتنى قوبۇل قىلسا، ھەربىي ئىشلار بۇيىچە دىئالوگ ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ۋە تەيۋەننى قارىغا ئېلىۋاتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى بۇنداق دىئالوگ ئارقىلىق يىغىشتۇرۇپ قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.10.13
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ تەيۋەننى قارىغا ئېلىۋاتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ سانى ھازىر 1900 گە يەتكەن ئىدى.
 
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، تەيۋەن ھۆكۈمىتى، بېيجىڭنىڭ بۈگۈن ئوتتۇرىغا قويغان 'بىر جۇڭگو' دېگەن شەرتىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى جاكارلىدى ، بەلكى تەيۋەن بوغۇزىنىڭ خىتاي بىلەن چېگرىلىنىدىغان سىزىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغدايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.