تۈركىيە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ سوتقا ئەرز سۇندى

تۈركىيىدىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى بولغان مەزلۇملار دەرنىكى سەيشەنبە كۈنى ئىستانبۇل سوتىغا ئەرز سۇنۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان باستۇرۇشلىرىنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ ئەيىبلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.08.04

رادىئومىزنىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىگە قارىغاندا، مەزكۇر تەشكىلات خىتاي ئۈستىدىن ئىستانبۇل سوتىغا ئەرز سۇنۇشتىن ئىلگىرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرغان بولۇپ، تەشكىلاتنىڭ ئىستانبۇل تارمىقى رەھبىرى كۆك دەمىر " خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى، شۇڭا بىز ئىستانبۇلدىكى جۇمھۇرىيەتلىك ئالىي سوتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۈستىدىن ئەيىبلەش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز ،" دېگەن.

تېمىر مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا يەنە "خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېلىپ بارغان قىلمىشى ئىنسانىي قىرغىنچىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتى يېرىم ئەسىردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى ئىرقىي جەھەتتىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتىن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش باسقۇچىغا ئۆتتى. ئۇيغۇر تۈركلىرى ئۇزاق مەزگىلدىن بۇيان خىتاينىڭ بېسىمى ئاستىدا ياشىماقتا، بولۇپمۇ 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى نامايىشچى ئۇيغۇرلارغا ئوق چىقاردى، تۈرلۈك ھەربىي قوراللارنى ئىشلىتىپ باستۇردى، ئەمما خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا سۈكۈت بىلەن قاراپ تۇرماقتا . بىز تۈركىيە سوتىنىڭ قانۇنىي كۈچىگە تايىنىپ خىتاينىڭ جىنايىتى ئۈستىدىن سوت ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىمىز،" دېگەن.

تېمىر باياناتىنىڭ ئاخىرىدا يەنە، ئىنسان ھەقلىرىگە ئىشىنىدىغان ئىنسانلار ھاياتىنىڭ بۈيۈكلۈكىگە ئىشىنىدىغان تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى ئۆلكىلىرىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنۇشىنى تەشەببۇس قىلغان.

بۇ يىل 5 - ئايدا ئىسپانىيە ئالىي سوتى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان سېكرېتارى ۋاڭ لېچۇەننى ئىنسانىيەت قارشى جىنايەت بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.