كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تۈركمەنىستاننىڭ ناچار كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئەيىبلىدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.02.01
2010.02.01
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ نەقىل قىلىشىچە، تۈركمەنىستان يەرلىك ئاخباراتلىرى تۈركمەن پرېزىدېنتى قۇربانگۈل بەردىمۇھەممەدوفنىڭ دۈشەنبە كۈنى پايتەخت ئاشخاباد شەھىرىدىن فرانسىيىگە قاراپ ئۇچقانلىقىنى ھەمدە ئۇنىڭ فرانسىيىدە يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىنى دەلىللىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى قاتارلىق ھوقۇق تەشكىلاتلىرى فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىينى بەردىمۇھەممەدوف بىلەن كۆرۈشكەندە، تۈركمەنىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىرغان.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ياۋروپا ئىشلىرى بۆلۈمى دىرېكتورى سزەنتە گولدستون، فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىينىڭ تۈركمەنىستان پرېزىدېنتىنى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىشى ھەمدە تۈركمەنىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ فرانسىيە - تۈركمەنىستان مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئەڭ نېگىزلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن.
تۈركمەنىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەبىئىي بايلىقى ئەڭ مول، شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىنىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى.
15 يىلغا يېقىن تۈركمەنىستاننى قاتتىق رېجىم ئاستىدا باشقۇرغان سەپەر مۇرات نىيازوف 2006 - تۇيۇقسىز قازا قىلغاندىن كېيىن، بەردىمۇھەممەدوف تەخت بېشىغا چىققان ۋە تۈركمەنىستاندا كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ئىدى. ھالبۇكى تۈركمەنىستاندا كىشىلىك ھوقۇق ۋە باشقا ئەركىنلىكنىڭ يەنىلا ئېغىر چەكلىمىگە ئۇچراپ تۇرۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.