بېيجىڭدا پىچاق بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەردى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.09.18
2009.09.18
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ۋەقە تۇغدۇرغۇچى كىشى 46 ياشلاردىكى جاڭ جيەنفېي ئىسىملىك بىر كىشى بولۇپ، ئۇ 14 ئادەمنى پىچاق بىلەن يارىلاندۇرغاندىن كېيىن ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنغان. بېيجىڭ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا ئاشكارىلىشىچە، يارىدارلارنىڭ ئىچىدىكى 2 ساقچى قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلگەن. يارىلانغانلار ئارىسىدا بالىلار، ئاياللار ۋە قېرىلار بار ئىكەن.
ۋەقە 17 - چىسلا كەچ سائەت 6:45 ئۆتكەندە يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە سادىر قىلغۇچى قولىدىكى ئون نەچچە سانتىمېتىرلىق پىچاق بىلەن ئۇچرىغان ئادەمگە پىچاق ئۇرۇپ ماڭغان. خوڭكوڭدىكى بەزى مەتبۇئاتلار ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنىڭ 3 كىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ساقچىلار بولسا بىر كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن دائىرىلەر داسالەن سودا كوچىسى ۋە تيەنئەنمېن ئەتراپىدىكى رايونلارنى قامال قىلغان.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە، ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بۇ ۋەقەنى تېررورلۇق ھۇجۇم قاتارىغا كىرگۈزمەي ئادەتتىكى بىر جىنايى ئىشلار قىلمىشى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.