خىتاينىڭ 2009‏ - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا بىر تەرەپ قىلىنغان دۆلەت بىخەتەرلىك دىلولىرىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتى تالاش ‏- تارتىش قوزغىدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى روزى ئىسمايىل ئاپتونوم رايونى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىدا دوكلات بېرىپ، 2009‏ - يىلى "شىنجاڭ"مىقياسىدا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان سېلىشقا مۇناسىۋەتلىك 437 دىلونىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە 10 يىلدىن ئارتۇق جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان كىشىلەرنىڭ 255 نەپەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-01-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

روزى ئىسمايىلنىڭ ئېيتىشىچە، ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن، دائىرىلەر يەرلىك سوت مەھكىمىلىرىگە قاراتقان نازارەتچىلىك ۋە يىتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دە قولغا ئېلىنغان تۇتقۇنلارغا ئائىت دىلولارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى روزى ئىسمايىلنىڭ دوكلاتىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، روزى ئىسمايىل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇمات "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتايىن ئاز ساندىكى بىر قىسىمىدىن ئىبارەت دەپ كۆرسەتتى.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، سوت ئىشلىرىنىڭ ئوچۇق - ئاشكارا بولمىغانلىقىنى تەنقىدلەپ، سوتلانماي جازالانغان تۇتقۇنلارنىڭ سانى روزى ئىسمايىل ئېلان قىلغان بۇ ساندىن نەچچە ھەسسە كۆپلىكىنى بىلدۈردى. خىتاي "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن ئۇيغۇر ئىلىدا ئارقا - ئارقىدىن سوت ئېچىپ، نۇرغۇن كىشىنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.

خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينى ئەيىبلەپ، ئۈرۈمچىدىكى سوتنى "سىياسىيلاشتۇرۇش" ۋە خەلقئارا ئەدلىيە ئۆلچىمىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن تەنقىدلىگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت