كرىستوفىر سىمىت بۇ سۆزلەرنى پەيشەنبە كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە چاقىرىلغان 3 - نۆۋەتلىك يىغىنىدا سۆز قىلغاندا تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئارزۇگۇل تۇرسۇننىڭ بوۋىقى سالامەت تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۇ خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىسى جاۋ ۋېنجۇڭغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ بۇ ۋەقەگە جىددىي قارىغانلىقىدىن مەمنۇنىيەت ھېس قىلغانلىقىنى، لېكىن بۇ تۈردىكى مۇئامىلىدىن باشقا ئاياللارمۇ بەھرىمان بولۇشى كېرەك دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
كرىستوفىر سىمىت مۇنداق دەيدۇ": مەن خىتاي ئەلچىسى جاۋغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتتىم، لېكىن بىزنىڭ بۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئىشلارنى كۆرۈشنى خالايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈردۇم.
غۇلجا شەھىرىنىڭ دادامتۇ يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ئارزۇگۇل تۇرسۇن 2008 - يىلى 3 - پەرزەنتىگە ھامىلدار ئىدى. لېكىن يېزىلىق ھۆكۈمەت ھامىلىنى ئېلىۋېتىشنى تەلەپ قىلىپ، 11 - ئايدا ئۇنى شەھەرلىك سۇ دارۋازا دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بارغان.
بۇ ۋەقە چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. كرىستوفىر سىمىت، خىتاي ئەلچىسى جاۋ ۋېنجۇڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئارزۇگۇلنىڭ بالىسىنى قۇتقۇزۇۋېلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. كرىستوفىر سىمىت، قۇرۇلتايدا بۇ ۋەقەنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.