3 ئۇيغۇر ئەرزدار، قەشقەر شامالۋاغلىق يۈز نەچچە ئۇيغۇرغا ۋەكىل بولۇپ بېيجىڭغا ئەرزگە كەلدى

قەشقەر شامالۋاغلىق 3 نەپەر ئۇيغۇر ئەرزدار مەزكۇر يېزىدىكى يۈز نەچچە ئائىلىگە ۋەكىل بولۇپ يېقىندا بېيجىڭغا يەر مۈلك ئەرزىگە كەلگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.10.31

مەريەمگۈل قاتارلىق ئەرزدارلارنىڭ «ئۇيغۇربىز» تور بېكىتىگە بىلدۈرۈشىچە، قەشقەر شامالباغ يېزىلىق ھۆكۈمەت، شامالباغ يېزىلىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتىپىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش دېگەن نام بىلەن، شامالباغدىكى بىر قىسىم ئاھالىلەرنىڭ ئۆي-ماكانلىرىنى چېقىپ، ئۇلارغا تۆلەم پۇلى بېرىش ھەققىدە توختام ئىمزالىغان.

بىراق، ھەر كۋادرات مېتىرغا قانچىدىن تۆلەم بېرىش مەسىلىسىدە پۇقرالار بىلەن يېزىلىق ھۆكۈمەت ئارىسىدا ئىختىلاپ كېلىپ چىققان. ئەرزدارلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، توختامدا نۇرغۇن ئادالەتسىزلىك بار بولۇپ، بۇ رايوندىكى ھەر بىر كۋادرات مېتىر يەرنىڭ بازار باھاسى 3000 سومدىن ئارتۇق بولسىمۇ، بىراق دائىرىلەر پۇقرالارنى ھەر بىر كۋادرات مېتىر يەر ئۈچۈن 750 سومدىن تۆلەم بېرىشكە قول قويدۇرۇۋالغان.

ئەرزدارلار دائىرىلەرنىڭ بىر قىسىم ئاھالىلەرگە تەھدىت سېلىپ، توختامغا ئىمزا قويدۇرغانلىقىنى، بەزىلەرنىڭ توختام مەزمۇنىدىن خەۋەرسىز قول قويغانلىقىنى، دائىرىلەرنىڭ توختامدا ساختىپەزلىك قىلغانلىقىنى، توختامدىكى بېرىشكە تېگىشلىك بەزى پۇللارنى تۇتۇپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

«ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەرزدارلار بېيجىڭغا كېلىشىگە، قەشقەرنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىش باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى ئەرزدارلارنىڭ قايتىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ يول خىراجىتىنى كۆتۈرۈشكە ۋەدە قىلغان. ئەرزدارلار كېتىشنى رەت قىلغاندا ئۇلارغا تەھدىت سالغان. ئەرزدارلارنىڭ قەشقەردىكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمۇ، يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋە ساقچى ئورۇنلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.