خىتاي ئۇيغۇر ئېلى نېفىت ساھەسىگە كەلگۈسى 5 يىلدا 29 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.10.30
2009.10.30
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىت ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىش پىلانىنى ئېلان قىلغان مەزگىلى، رايوندا يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇلدىكى مىللىي توقۇنۇش سەۋەبى ۋەزىيەت ناھايىتى جىددىي ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى.
"جۇڭگو گېزىتى"نىڭ خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاۋ جىپىڭنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر شىركەت بۇ مەبلەغنى گاز ۋە نېفىت تۇرۇبىسى ياساش، نېفىت ئايرىش ۋە نېفىت - خىمىيە زاۋۇتى قۇرۇش، نېفىت ئامبىرى ياساش ئىشلىرىغا سەرپ قىلىشنى پىلانلىغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاينىڭ قۇرۇقلۇقتىكى نېفىت زاپىسىنىڭ 30% ى، تەبئىي گاز زاپىسىنىڭ 34% ى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، خىتاي 2000 - يىلدىن بېرى بۇ رايوننىڭ نېفىت، تەبئىي گاز زاپىسىنى قېزىشقا مەبلەغ سېلىشنى كۈچەيتكەن ئىدى.
لېكىن ئۇيغۇرلار بولسا، خىتاينىڭ نېفىت ئىگىلىكىگە سالغان مەبلىغى خىتاي كۆچمەنلىرىنى مەنپەئەتدار قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ چەتكە قېقىلغانلىقىنى ۋە رايوننىڭ ئېكولوگىيىسىنىڭ ۋەيران بولۇشىغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىمەكتە ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى "5 ئىيۇل ۋەقەسى"نىڭ يۈز بېرىشىدە بۇ ئامىللارنىڭ رولى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.