ئۇيغۇر ئېلىدە بارغانچە كۆپىيىۋاتقان سەرگەردان بالىلار يەنە دىققەت قوزغىدى

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى قۇرۇشقا باشلىغان سەرگەردان بالىلار مەركىزىگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئالدىدىكى قورۇمىغا يەتمىگەن 20 مىڭ سەرگەردان بالا ھەققىدىكى خەۋەر ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.11.29

سەرگەردان بالىلار مەسىلىسى ھەققىدە توختالغان كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى سەرگەردان بالىلارنىڭ ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ مەسىلە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ئورنىنىڭ تۆۋەن ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ كونكرېت ئىپادىلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرىدا بۇلتۇردىن باشلاپ خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردىكى سەرگەردان بالىلارنى يىغىش خىزمىتىنى باشلىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ بالىلارنىڭ كونكرېت سانى جەمئىيەتتىن يوشۇرۇپ كېلىنگەن بولۇپ، بۈگۈنگىچە ئېلان قىلىنمىغان ئىدى.

ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئېلىدە بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقان سەرگەردان بالىلار مەسىلىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدە جىددىي مۇنازىرە تېمىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. خەلق ئارىسىدا سەرگەردان بالىلارنى قۇتقۇزۇش تەشەببۇسلىرى كۈچىيىپ، نۇرتاي ھاجىم، سادىق ھاجىم قاتارلىق ئۇيغۇر ساخاۋەتچىلىرى قۇرغان يېتىملەر مەكتەپلىرى كۆپەيگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ سەرگەردان بالىلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئۈنۈملۈك تەدبىر ئالماسلىقى ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان ئىدى.

2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن بولسا، سەرگەردان بالىلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باراۋەرسىز سىياسەتنى تەنقىد قىلغان ئۇيغۇربىز، دىيارىم قاتارلىق ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى بۇيرۇق بىلەن تاقالغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.