خاماس ئىسرائىلىيىگە راكېتا ئاتتى

پەلەستىندىكى قوراللىق تەشكىلاتلاردىن خاماس ئالدىنقى كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېيتانىياخۇ بىلەن پەلەستىن پرېزىدېنتى ماھمۇت ئابباس ئارىسىدا قايتىدىن باشلانغان تىنچلىق سۆھبىتىگە قارشى مەيدانىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.09.04

بۈگۈن ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خاماس جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىسرائىلىيىگە قارىتىپ راكېتا ئاتقان. ھۇجۇمدا ھېچقانداق ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ۋەقەسى يۈز بەرمىگەن.

ئۆتكەن ھەپتە ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تىنچلىق سۆھبىتىدە، ھەر ئىككى تەرەپ تىنچلىقنىڭ ئاخىرقى غايىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن تىنچ مۇزاكىرىلىرىنىڭ يەنە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نېيتانىياخۇ سۆزىدە پەلەستىننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئەمما ئوتتۇرىدا جىددىي مەسىلە بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئىئوردانىيە دەرياسى قىرغىقىدىكى يەھۇدىي ئاھالىلەر رايونىنىڭ قۇرۇلۇشىنى داۋاملاشتۇرىدىغان ياكى داۋاملاشتۇرمايدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىگەن ئىدى.

خاماس سۆھبەت داۋاملىشىۋاتقان كۈنلەردە يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنىمۇ ئۈستىگە ئالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.