خىتاينىڭ ئىشچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئورگىنىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 8 دە، جاۋشەن خىمىيە زاۋۇتىنىڭ ئالىي ئېنېرگىيە يېقىلغۇسى ئىشلەپچىقىرىدىغان بىناسىدا دەھشەتلىك پارتلاش يۈز بەردى، زاۋۇتنى قويۇق ئىس قاپلاپ كەتتى.
زاۋۇت بىناسى ئۆتمىتۆشۈك بولۇپ كەتتى. بىنانىڭ تېگىدە چوڭ ئازگال پەيدا بولدى. ھازىر بۇ خارابىنىڭ ھەممە يېرىدە چېچىلىپ كەتكەن ئۆتكۈر كىسلاتا بار. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا يەنە بىر قىسىم كىشىلەر، بۇ زاۋۇت خارابىسىدىن ئۆزىنىڭ تۇغقانلىرىنى ئىزدەۋاتىدۇ.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن خېبېيدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسى، 100 دىن ئارتۇق ئىشچى سېختا ئىشلەۋاتقاندا يۈز بەرگەن. ۋەقەنىڭ سەۋەبى ھازىرچە نامەلۇم. گەرچە قۇتقۇزۇش خادىملىرى ۋەقە يۈز بەرگەن ھامان ئىشقا كىرىشەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن قۇتقۇزۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.