خىتاي گاڭگودىكى پارتلاشتا يارىلانغان پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ كەلدى
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012.03.11
2012.03.11
ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن ھەپتە گاڭگو پايتەختىدىكى بىر ھەربىي ئىسكىلاتتا يۈزبەرگەن قاتتىق پارتلاشتا 146 ئادەم ئۆلۈپ، 1500دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 50 ئەتراپىدا خىتاي ئىشچىسى يارىلانغان ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدە 6 نەپىرى ئۆلگەن ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى مەخسۇس ئايروپىلان ئاجرىتىپ، بۈگۈن يارىدارلارنىڭ 31 نەپەر ئېغىرراقىنى قايتۇرۇپ كېلىپ، داۋالاشقا كىرىشتى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پارتلاش دەل خىتاي ئىشچىلىرى ھەربىي ئائىلىلەرنىڭ تۇرالغۇ جايلىرىنى ياساۋاتقان ئورۇننىڭ يېنىدا يۈزبەرگەن بولۇپ، مەزكۇر خىتاي ئىشچىلىرى بېيجىڭ قۇرۇلۇش گۇرۇھىغا مەنسۇپ ئىكەن.
يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان ئافرىقىدىكى خىتاي ئىشچىلىرى ۋە كان قازغۇچى شىركەت خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋە تۇتقۇن قىلىش ۋەقەلەرى ئارقا - ئارقىدىن يۈزبەرگەن بولۇپ، تېخى يېقىندىلا جەنۇبىي سۇدان قوراللىق گۇرۇپپىلىرى بىر قىسىم خىتاي ئىشچىلىرىنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان ئىدى، بۇ پارتلاش شۇ ۋەقەدىن كېيىنلا يۈزبەردى. گاڭگودىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن ئىشچىلارنىڭ ئالدىغا چىققان خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چەت ‘ئەللەردە يۈزبەرگەن خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتىلغان بۇ بىر قاتار ۋەقەلەرنىڭ چەتئەللەردىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ كۈنسايىن كۆپ تۈرلۈك مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.