ئالاھىدە مەسلىھەتچى روبېرت ئىينخورن مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، خىتاي ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە چوقۇم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك دېگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئىرانغا سالغان مەبلىغىنىڭ كۆپلىكى، خىتاي ياۋروپا كارخانىلىرى ئىراندىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن ئىرانغا كىرىپ، ياۋرۇپا كارخانىلىرىنىڭ ئورنىنى ئېلىشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن دەيدىغان گۇماننى پەيدا قىلىۋاتقان بولۇپ، ئالاھىدە مەسلىھەتچى روبېرت ئېينخور سۆزىدە بۇ ھەقتە توختالغان. ئۇ: "بىز خىتاينى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تونۇپ يېتىشكە، مەسئۇلىياتچان دۆلەتلەر ئىران بىلەن چىگرا ئايرىپ سودا مۇناسىۋەتلىرىنى توختاتقاندا، ئۇلارنىڭ ئورنىنى ئىگىلەشكە ئۇرۇنماسلىققا چاقىرىمىز" دېگەن.
ئۇ خىتاينىڭ مەسىلىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىپ، ئىرانغا بېسىم ئىشلىتىشى ۋە يادرو قورالى ياسىماسلىققا قايىل قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئىگىلىنىشىچە، روبېرت ئېينخورن باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ زىيارىتى كېلەر ھەپتە باشلىنىدىكەن.