خىتاي، 'ئاق تاشلىق كىتابى'دا 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ئىقتىسادقا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.09.21
2009.09.21
ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلگەن: " شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئېغىر دەرىجىدە زەربىگە ئۇچراتتى. ئۇلار مەبلەغ سېلىشى مۇھىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، نەتىجىدە، باشقا رايونلاردىن كېلىدىغان مەبلەغنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئازايتتى."
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى، بۇ خىل تەرەققىياتلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بەھرىمەن بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان ئىدى.
ھالبۇكى، رويتېرستا تەنقىدچىلەرنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىگە سالغان مەبلەغلەر ئۇيغۇرلارغا مەنپەئەت ئېلىپ كەلمىگەن. بۇ خىلدىكى تەڭپۇڭسىزلىق مىللىي ئۆچمەنلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلارنىڭ يىللىق كىرىمى 3503 يۈئەن ئەتراپىدا بولۇپ، خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا پۇقرالارنىڭ يىللىق كىرىمى 4761 يۈئەندىن 11 مىڭ 440 يۈئەن ئەتراپىغىچە ئىكەن.