ئاۋسترالىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە يەنىلا پەرقلەر مەۋجۇت

ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كېۋىن رۇد چارشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ رابىيە قادىر خانىمغا ۋىزا بەرگەنلىك سەۋەبى بىر مەھەل جىددىيلەشكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: "بىزنىڭ خىتاي بىلەن نۇرغۇن ئورتاق مەنپەئەتلىرىمىز بار، ئەمما بىزنىڭ يەنە ھەم نۇرغۇن ئوخشىماسلىقلىرىمىزمۇ بار. بۇ ئوخشاشماسلىقلار ئوخشىمىغان قىممەت قارىشى ۋە بەزىدە ئوخشىمىغان مەنپەئەتلەردىن كېلىپ چىققان،" دېدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009.08.20
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئاۋسترالىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئاۋسترالىيە دائىرىلىرىنىڭ رابىيە قادىر خانىمغا ۋىزا بېرىشى بىلەن جىددىيلەشكەن بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىمۇ يېقىندا خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئاۋسترالىيە زىيارىتىنى بىكار قىلىپ ئاۋسترالىيىگە بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئەمما خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ ئاۋسترالىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىپ كېتىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئىككى تەرەپنىڭ بىر - بىرىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ كېتەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كېۋىن رۇدد سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ ئاۋسترالىيىدە ئىنتايىن مۇھىم مەنپەئەتلىرى بار ھەم بىزمۇ خىتاينىڭ ئاسىيادا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلىمىز، دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.