قىزىلسۇ ئامانلىق تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ئەدلىيە ئىدارىسى قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشخانىسى ئاتۇش سۈنتاغ يېزىسىدىكى ئەدلىيە تارماقلىرى بىلەن بىرلىشىپ، مەزكۇر يېزىدىكى دېھقانلارغا قانۇن تەربىيىسى ئېلىپ بارغان بولۇپ، خەۋەردە بۇنىڭ دېھقانلارنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئېڭىنى كۈچەيتىش تەربىيىسى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇلۇغچات ناھىيىسى ئۆركەشتام چېگرا ئېغىزىغا جايلاشقان رايونلىرىدا ئاقما نوپۇسنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتكەن ھەمدە "بىرمۇ گۇمانلىق ئادەمنى قاچۇرۇپ قويماسلىق بەلگىلىمىسى" يولغا قويغان.
گەرچە خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر يېزىلىرىدا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش تۈسىدىكى بۇ خىل سىياسەتلىرىنى "جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش"، "قانۇن تەربىيىسى كۈچەيتىش" دېگەن ناملاردا يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قاراتمىلىق يولغا قويغان مەزكۇر سىياسىتى، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن، كىشىلەرنىڭ ئەركىن ئولتۇراقلىشىش ۋە ئەركىن پىكىر قىلىش ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلغانلىق دەپ ئەيىبلىنىپ كەلمەكتە.