مۇسۇلمان خاككېرلىرى خىتاي ئىچىدىكى ھۆكۈمەت تور بەتلىرىگە كۆك بايراق چاپلىدى

بىر قىسىم مۇسۇلمان خاككېرلىرى خىتاي ئىچىدىكى ھۆكۈمەت تور بەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان ئۇچۇرلارنى چاپلىدى.

كومپيۇتېر دۇنياسى تور بېتىدە بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي تور بەتلىرىگە چاپلانغان بەزى ئۇچۇرلاردا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا " ئىرقىي قىرغىنچىلىق" ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. خاككېرلار، يەنە بەزى خىتاي تور بەتلىرىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى چاپلىغان.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، گەرچە خىتاي تور بەتلىرى دائىم ھۇجۇمغا ئۇچراپ تۇرىدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ باقمىغان ئىكەن.

بۇ ھەقتە توختالغان تور خاككېرلىرى يازغۇچىسى سكوت ھېندېرسون: " راستىمنى ئېيتسام ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان خاككېرلارنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن. بۇ بەك كەم كۆرۈلىدۇ" دېگەن.

خىتاي خاككېرلىرى يېقىندا، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن "مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلغان، ئاۋسترالىيە مېلبۇرن خەلقئارا فىلىم فېستىۋالىنىڭ تور بېتىگە ھۇجۇم قىلغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمەت تور بەتلىرىگە ھۇجۇم قىلغان خاككېرلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى ۋە ھۇجۇمنىڭ قايسى دۆلەتتىن كەلگەنلىكى تەپسىلىي بېرىلمىگەن.