خىتاي مالىيە مىنىستىرلىقى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىگە ئۆي ياردەم پۇلى ئاجراتتى

يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆپلەپ يەرلەشتۈرۈشى ھەمدە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش دېۋىزىيىلىرى قاتارلىق خىتاي كۆچمەنلىرى توپلاشقان جايلارغا زور كۆلەمدە مەبلەغ ئاجرىتىشى مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 17-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مالىيە مىنىستىرلىقى بۇ يىللىق ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار جايلار قاتارىدا ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش دېۋىزىيىلىرىگە ئۆي قۇرۇلۇشى ياردەم پۇلى ئاجراتقانلىقىنى ئېلان قىلغان.

12-ئىيۇلدىكى خىتاي خەۋەرلىرىدە، بىڭتۇەننىڭ بۇ يىل دېھقانچىلىقتىن سىرت، قۇرۇلۇش، سانائەت ۋە مۇلازىمەت ساھەلىرى بويىچە،خىتاي ئۆلكىلىرىدىن 800 مىڭ ئىشچى قوبۇل قىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان.