فىلىپپىن تۈنۈگۈن قانۇنسىز بېلىق تۇتقان ئىككى خىتاي پۇقراسىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، بۈگۈن يەنە، فىلىپپىنغا نارازىلىق بىلدۈرگەن خىتاينىڭ ئىككى دېڭىز چارلىغۇچى پاراخوتىنى جەنۇبىي دېڭىزدا توسۇۋالغان. فىلىپپىن پرېزىدېنتى بېنىڭگو ئاكىنو خىتايغا قارىتا قوللانغان بۇ ھەرىكەتنى قوللىغان.
تۈنۈگۈن فىلىپپىن دائىرىلىرى دېڭىز تەۋەلىكىگە قانۇنسىز كېرىپ بېلىق تۇتقان ئىككى خىتاي پۇقراسىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى فىلىپپىننىڭ ھەربىي پاراخوتلىرىغا، تالاش-تارتىشتىكى رايوندىن دەرھال چېكىنىش لازىم دەپ جىددىي بۇيرۇق چىقارغان ئىدى.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن فىلىپپىن دائىرىلىرى خىتاينىڭ مانىلادىكى باش ئەلچىسى ما كېچىننى چاقىرتىپ كېلىپ، مول نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقلىرى ساقلىنىپ ياتقان جەنۇبىي دېڭىزدىكى تېررىتورىيە مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن، خىتاي دەرھال سۆھبەت ئۈستىلىگە كېلىشى لازىم دەپ كۆرسەتكەن.