خىتاي لىۋىيە مەسىلىدىن پايدىلىنىپ غەرب ئەللىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى

خىتاي لىۋىيە مەسىلىدىن پايدىلىنىپ غەرب ئەللىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، غەرب مەتبۇئاتلىرىدا بۇنىڭ، خىتاي ئۆز خەلقىنى ئوتتۇرا شەرقچە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلاردىن توسۇش ئۈچۈن قانات يايدۇرغان تەشۋىقات پائالىيىتى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى.

رويتېرستا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، خىتاي ئاخباراتلىرىدا غەرب ئەللىرىنىڭ لىۋىيە نېفىتلىرىنى مونوپول قىلىش ئۈچۈن لىۋىيىگە ھۇجۇم قىلغانلىقى، بۇنىڭدىن «كىشىلىك ھوقۇقنى دەستەك قىلغان ساختىپەزلىك» نى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

رويتېرستا نەقىل قىلىشىچە، «خىتاي ياشلار گېزىتى» «مۇزلاش نۇقتىسى» سەھىپىسىنىڭ سابىق مەسئۇل مۇھەررىرى لى داتۇڭ، بۇ خىلدىكى تەشۋىقاتلاردىن خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لى داتۇڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات سىياسىتىگە قارشى بىر ماقالىنى باسقانلىقى ئۈچۈن 2006-خىزمەتتىن قوغلانغان ئىدى.

لى مۇنداق دېگەن: خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى كىشىلىك ھوقۇق ئىدىيىسى ۋە دېموكراتىيە تەلىپىنىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتىنى بېسىپ چۈشىدىغانلىقىدىن بەك ئەنسىرەيدۇ.
ئۇلار، بۇ خىلدىكى قاراشلارنىڭ ھەممىسىگە تاقابىل تۇرماقچى.

ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، خىتايدىمۇ «ياسىمەن نامايىشى» قىلىش چاقىرىقى ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان ئىدى.