دوكلاتتا خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇچۇر كونترۇللۇقى، مۇخبىرلارنىڭ، زىيارەت قىلىش جەريانىدا ساقچىلار ھەم قارا جەمئىيەت كىشىلىرىنىڭ زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلىنىپ قالغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلىپ، بۇ دۆلەتلەردىن مۇخبىرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقى ھەم ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى.
خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يېقىنقى بىر باياناتىدا، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ تىبەت مەسىلىسى قاتارلىق نازۇك تېمىلاردا دائىرىلەرنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، باشقا مەسىلىلەردە خىتايدا ئەركىن زىيارەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئەمما ئەمەلىيەتتە يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچراش، ھەتتا خىتاينىڭ پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلىرى تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراش ئەھۋاللىرى بارغانچە كۆپەيمەكتە.
ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا فرانسىيە تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرى مۇخبىرى ھەم گوللاندىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خىتاينىڭ جېجىياڭ ئۆلكىسىدە زىيارەت جەريانىدا، پۇقراچە كىينگەن ساقچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇندىن باشقا ب ب س ئاگېنتلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەتئەل مۇخبىرلىرى تىبەتتىكى زىيارىتى جەريانىدا دائىرىلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىشقا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر بېرىلمەكتە.