خىتايدا ئوقۇغۇچىلارنى قەستەن ئۆلتۈرگەن جىنايەتچى تېررورچى ھېسابلانمىدى

خىتاي ئورگان مەتبۇئاتى ھېسابلانغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى خىتاينىڭ جەنۇبىدا، بىر كىشىنىڭ كران ئاپتوموبىلى ھەيدەپ، مەكتەپتىن توپلىشىپ چىققان ئوقۇغۇچىلارنى سوقۇپ، 4 ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، 20 ئادەمنى زەخمىلەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ
2008.11.06

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە چارشەنبە كۈنى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جۇخەي شەھىرىدە ساقچىلار بىلەن تاكاللىشىپ قالغان كىران شوپۇرى، ساقچىلاردىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، مەكتەپتىن قايتقان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ھۇجۇم قوزغاپ، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلار جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈپ جىنايەتچىنى قولغا ئالغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي شوپۇرغا ساقچى دائىرىلىرى " زوراۋان " ۋە " تېررورچى" قالپىقىنى كىيگۈزمىگەن، بۇ دېلونى ئۆز رايونىدىكى ئەھۋاللارغا سېلىشتۇرغان بىر ئۇيغۇر كۆزەتكۈچى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن بۇنىڭغا ئوخشاش جىنايەتلەر ئەگەر بىر ئۇيغۇر تەرىپىدىن سادىر قىلىنسا، چوقۇم " زوراۋان " ۋە " تېررورچى " قالپىقى بىلەن ئەيىبلىنىپ، دەرھال ئۆلۈم جازاسى بىلەن جازالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ئەدىلىيە تارماقلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋە خىتاي جىنايەتچىلەرگە قاراتقان جازاسىنىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكى، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئىزچىل تۈردە ئىنكاس قىلىنىپ كەلگەن مەسىلىلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
 

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.