خىتاي بىلەن رۇسىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيىنى تەنقىد قىلىش قارارىنى ماقۇللىشىغا توسقۇنلۇق قىلدى

خىتاي بىلەن رۇسىيە جۈمە كۈنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ پەۋقۇلئاددە يىغىن چاقىرىپ، سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نامايىشچىلارنى باستۇرۇشىنى تەنقىد قىلىدىغان قارار ماقۇللىشىغا توسقۇنلۇق قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011.04.29
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي بىلەن رۇسىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىنى رەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، ئۇلار يىغىندا كېڭەشنىڭ سۈرىيىنى تەنقىد قىلىش قارارى ماقۇللىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۈرىيە ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك جۈمە كۈنكى پەۋقۇلئاددە يىغىنى بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ۋە شۇنداقلا ئامېرىكا، ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە قاتارلىق ئەللەرنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن چاقىرغان. خىتاي، سۈرىيىنىڭ مەسىلىنى دىئالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان قارار لايىھىسىدە سۈرىيە دائىرىلىرىنىڭ نامايىشچىلارنى قىرغىن قىلغانلىقى، تۇتقۇن قىلغانلىقى ۋە كەمسىتكەنلىكى تەنقىد قىلىنىپ قالماي، يەنە، خەلقئارا تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىپ، سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زوراۋانلىقىنى تەكشۈرۈش تەلەپ قىلىنغان ئىدى.

خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ جۈمە كۈنكى خەۋەرلىرىدە بايان قىلىشىچە، شۇ كۈنى سۈرىيىنىڭ دارا، دەمەشق قاتارلىق شەھەرلىرىدە خەلق ئاممىسى جۈمە نامىزىدىن كېيىن نامايىش قىلىپ، بەشېر ئەسەدنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلغان. لېكىن سۈرىيە ھۆكۈمىتى ھەربىي قىسىملارنى ئىشقا سېلىپ نامايىشچىلارنى باستۇرغان.

خەۋەرلەردە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەلۇماتى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، شۇ كۈنى 42 ئادەم ئۆلگەنلىكى، لېكىن ئۆلگەن ئادەم سانىنىڭ يەنە كۆپىيىش ئېھتىمالى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى سۈرىيىدە خەلق نامايىشى پارتلىغاندىن بۇيان ئۆلگەن ئادەم سانى 400 دىن ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.