خىتايدا ئىشلەنگەن 1مىليون 500 مىڭ دوللار قىممىتىدىكى ساختا مال قولغا چۈشۈرۈلدى

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ جۈمە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر خىتايدا ئىشلىنىپ ئامېرىكا تور بازارلىرىدا سېتىلىدىغان 1مىليون 500 مىڭ دوللار قىممىتىدىكى ساختا مالنى قولغا چۈشۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر خىتاي ئىشلەنگەن ساختا داڭلىق ماركىلىق تەنتەربىيە ۋە زىننەت بۇيۇملىرى قاتارلىق ماللارنى ئامېرىكىدا ساتىدىغان 761 تور ۋە ئۇلار پۇل يۆتكەيدىغان بانكا ھېساباتلىرىنى قولغا چۈشۈرگەن.

بۇ نۆۋەتلىك زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقنى قوغداش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.