خىتاينىڭ يېڭى چېگرا خەلق قۇرۇلتىيى 45 كىشىنى شاڭخەي، جېجياڭ، جياڭسۇلاردا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەشكە ئەۋەتىدىكەن

خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تور گېزىتى» دىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ يېڭى چېگرا خەلق قۇرۇلتىيى كادىرلارنىڭ ساپاسىنى ۋە خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش دېگەن نام بىلەن، يېقىندا 45 كىشىنى شاڭخەي، جېجياڭ، جياڭسۇلاردا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەشكە ئەۋەتىدىكەن.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2012.04.18
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي دائىرىلىرى يېڭى چېگرادىن شاڭخەي، جېجياڭ، جياڭسۇلارغا كادىر ئەۋەتىپ قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان بۇ شەكىلنى، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن «يېڭى چېگرانى قىزغىن سۆيۈش» نى ئۆگىنىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى ۋە خىتاي مەركىزى كومىتېتى بۇلتۇر ئاچقان «يېڭى چېگرا خىزمەت يىغىنى» نىڭ ئۇيغۇر يۇرتلىرىنى خىتايلاشتۇرۇشنى نىشان قىلغان مىللىي، دىنىي سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىشنىڭ داۋامى دەپ جاكارلىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.