مەسىلىنى ئەڭ دەسلەپ، خىتايدىكى "جەنۇب ھەپتە ئاخىرى" گېزىتىنىڭ بىر مۇخبىرى بايقىغان. مۇخبىر 7 - ئاينىڭ بېشىدا تەييارلىغان بىر خەۋىرىدە، سەنلۇ سۈت پاراشوكىنىڭ زەھەر تەركىبى بارلىقى، بۇ سەۋەبلىك بالىلارنىڭ ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
خەۋەرنى ئېلان قىلىشنى رەت قىلغان مەزكۇر گېزىتنىڭ تەھرىرى فۇ جىئانفېڭ ئۆز شەخسىي تور بېتىدە بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: " مەن مەزكۇر مەسىلىنىڭ جەمىيەت ئۈچۈن ئېغىر تەھدىت ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم، ئەمما مەن مەزكۇر مەسىلىنى ئېنىقلاشقا ھېچقانداق بىر مۇخبىر ئەۋەتەلمىدىم. بۇنىڭ ئۈچۈن مەن گۇناھكارلىق ھېسسىياتى ئىچىدىمەن."
يەنە چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، بىر قىسىم خىتاي ئاخباراتچىلىرىنىڭ سۈت پاراشوكى مەسىلىسىنى بۇرۇنلا بايقىغانلىقىنى، ئەمما ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ مەزكۇر خەۋەرنىڭ تارقىلىشىنى چەكلىگەنلىكى، بۇ ئارقىلىق، ئولىمپىك ھارپىسىدا خىتاينىڭ ساختا ئوبراز ياراتقانلىقىنى بىلدۈردى.