يۇقىرىقى ئىككى ئورگاننىڭ خىتايدىكى ئىش باشقارمىسى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتتا بوۋاقلارنىڭ سۈت پاراشۇكىغا زىيانلىق ماددا ئارىلاشتۇرۇش "كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان" ۋەقە، دەپ تەكىتلىگەن. باياناتتا يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋەقە ئۈستىدىن ئۈزۈل - كېسىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا ئىشىنىدىغانلىقى، لېكىن تەكشۈرۈشتىن كېيىن يېمەكلىكلەر بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشنى، بالىلار يېمەكلىكلەر قائىدىسىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق يولغا قويۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ب د ت بالىلار فوندى تەشكىلاتى باياناتچىسى دېيل رۇستېين قوشما باياناتنىڭ مەقسىتى ئانىلارغا بوۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىش، دەپ تەكىتلىگەن. خىتايدا سۈتلۈك يېمەكلىكلەرگە مېلامىن ئارىلاشتۇرۇش ۋەقەسىنىڭ چېتىلىش دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيمەكتە. جۈمە كۈنى شاڭخەي گۇاڭمىڭ يېمەكلىكلەر شىركىتى بايانات ئېلان قىلىپ، مېلامىن تۈپەيلى " توشقان" ماركىلىق كەمپۈتنى ئىشلەپچىقىرىش توختىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يېڭى زېللاندىيە، ئاۋستىرالىيە، سىنگاپور، كانادا، ئەنگىلىيە، تەيۋەن ۋە خوڭكوڭلار " توشقان" كەمپۈت سېتىشنى توختاتقان. بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەن ئىدى. قوشما باياناتتا يەنە، يىمەكلىك كارخانىلىرىنىڭ خەلق ئاممىسىنى ئالداش قىلمىشىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى، بالىلار يېمەكلىكىنى بۇلغاشنىڭ تېخىمۇ قاتتىق ئەيىبلىنىشكە تېگىشلىك قىلمىش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەنگەن.