خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ 7 - ئۆكتەبىردىن باشلاپ تۈركىيىنى زىيارەت قىلىدۇ
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010.10.04
2010.10.04
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، تۈركىيە ۋېن جياباۋنىڭ 2 - ئۆكتەبىردىن 9 - ئۆكتەبىرگىچە ياۋروپادىكى 4 دۆلەتتە ئېلىپ بارىدىغان 7 كۈنلۈك زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى بولۇپ، ئۇ 7 - ئۆكتەبىردە تۈركىيە زىيارىتىنى باشلاشتىن بۇرۇن گرېتسىيە، بېلگىيە، ئىتالىيىنى زىيارەت قىلماقچى ئىدى. نۆۋەتتە ۋېن جياباۋ بېلگىيىنى زىيارەت قىلىپ، بريۇسسېلدا ئاسىيا - ياۋروپا ئەللىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشماقتا.
گەرچە رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتاينى "ئىرقىي قىرغىنچىلىق" بىلەن ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، لېكىن شۇنىڭدىن بۇيان خىتاي تۈركىيە مۇناسىۋىتىدە دراماتىك ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن. ئىككى دۆلەتنىڭ باردى - كەلدىسى كۈچىيىپ، تۈركىيىنىڭ ئىككى تەرەپ سودىسىدىكى ئېكسپورت ھەجىمى جىددىي ئارتقان. شۇنىڭدىن بۇيان تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاشكارا سورۇنلاردا قايتا تىلغا ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان بولۇپ قالغان.
بەزى ئانالىزچىلار ۋېن جياباۋنىڭ زىيارىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چۈشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن ئانالىزچىلار ئارىسىدا تۈركىيىنىڭ قانداق پوزىتسىيە تۇتۇدىغانلىقىغا قارىتا ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇت. بەزى ئانالىزچىلار تۈركىيىنىڭ ئۆز مەنپەئەتنى كۆزلەپ، خىتايغا ھەمكارلاشقۇچى پوزىتسىيە تۇتۇدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسە، يەنە بەزى ئانالىزچىلار ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنسىلا بۇنىڭ ئۆزى ئىجابىي ئىلگىرىلەش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.
تۈركىيىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مۇرات سېلىم ئەسەنلى، ۋېن جياباۋنىڭ زىيارىتى تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىنى ئالغا سۈرىدىغانلىقى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كېلەچىكىدىن ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.