خىتاي، ئۇيغۇر ئېلىدا 11 ئايدا 1300 گە يېقىن كىشىنى قولغا ئالدى

2008 - يىلى 11 ئاي جەريانىدا ئۇيغۇر ئىلى مىقياسىدا بۆلگۈنچىلىك ۋە "دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش" جىنايەتلىرى بىلەن قولغا ئېلىنغان كىشىلەر بىر مىڭ ئۈچ يۈزگە يېقىن بولۇپ، خىتاي ئاخباراتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر دېلولارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەدلىيە ۋە تەپتىش ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنغان.

خىتاي خەۋەرلەر تورىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرى 2008 - يىلى مابەينىدە، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاش ۋە "ئۈچ خىل كۈچلەر" گە قاتتىق زەر بېرىش ئىشلىرىغا تېخىمۇ كۈچلۈك رەۋىشتە ئارىلاشقان.

خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، ئۆتكەن 11 ئاي جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىدە دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان شەخسلەر جەمئىي 1295 نەپەر، ھۆكۈم ئېلان قىلىنغانلار 1154 نەپەر ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 2007 - يىلىدا پۈتۈن خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا "دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش جىنايىتى" بىلەن جازاغا تارتىلغانلار 619 نەپەر بولۇپ، ئەمما بۇ ساننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بىر ھەسسە كۆپ بولۇشى كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرىنى ئەجەبلەندۈرمەكتە.