خىتاي ئۈرۈمچىدە "دۈشمەن كۈچلەر" گە قارشى زەربە بېرىش سەپەرۋەرلىكى ئېلىپ باردى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە سەيشەنبە كۈنى شەھەرلىك پارتكوم ئۈرۈمچىدىكى ھەر قايسى رايون، مەھەللە ۋە كوچا ئىش باشقارمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر دەرىجىلىك ئورگانلارنىڭ مەسئۇللىرىنى يىغىنغا چاقىرىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە "مىللىي بۆلگۈنچىلەر"گە قارشى سەپەرۋەرلىك ئېلىپ بېرىشنى ئورۇنلاشتۇردى.

يىغىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم سېكرىتارى لى جى سۆز قىلىپ، دۈشمەن كۈچلەرگە قارشى كۈرەشنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈش، يۇقىرى بېسىمنى ساقلاش، " ئۈچ خىل كۈچلەر"گە زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەكىتلىگەن. لى جى يەنە دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش، ئاتالمىش قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر ۋە چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى ئاتالمىش ئەكسىلئىنقىلابى ئىدىيىلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى توساشنى تەلەپ قىلغان.

ئۈرۈمچىدە سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىلغان شۇ كۈنى خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى ش. تۈركىستان "تېررورچىلار"تىزىملىكى ئېلان قىلىپ، 8 نەپەر ئۇيغۇرنى مەزكۇر تىزىملىككە كىرگۈزگەن، لېكىن مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى بولسا خىتاينىڭ تىزىملىك ئېلان قىلىش ۋاقتى ۋە غەرىزى مەقسەتلىك ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ"تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش " نى باھانە قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇشنى قانۇنلاشتۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى پاش قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىۋاتقان" مەزگىللەر ئىدى.

ئۈرۈمچىدىكى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا يەنە 2 ئاي تەلىم ‏ - تەربىيە پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، "چوڭ ئۆگىنىش، چوڭ مۇنازىرە، كەڭ كۆلەملىك پاش قىلىش، تەرتىپكە سېلىش، دۈشمەننىڭ تۈرلۈك بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قارشى زەربە بېرىش ۋە ئالدىنى ئېلىشنى، دۈشمەن كۈچلەر ۋە جىنايى ئۇنسۇرلارنىڭ تۇرمۇش ھەم پائالىيەت بوشلۇقىنى تارايتىش" نى تەكىتلىگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، "چوڭ كۆلەملىك ئۆگىنىش، چوڭ مۇنازىرە، كەڭ كۆلەملىك پاش قىلىش" دېگەنلەر " مەدەنىيەت ئىنقىلابى" دەۋرىدە يولغا قويۇلغان سىياسىي كۈرەش ئۇسۇلى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا " مەدەنىيەت ئىنقىلابى"دىكى كونا كۈرەش ئۇسۇللارنى قوللانماقتا.