خىتاي "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" سەۋەبىدىن 21 كىشىنى جازالىغان

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى جۈمە كۈنى ئۈرۈمچىدە "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" سەۋەبىدىن 21 كىشىگە جازا ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈرۈمچى تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر جازالانغان بۇ كىشىلەرنى ئوت قويۇش، ئادەم ئۆلتۈرۈش، بۇلاڭچىلىق قىلىش ۋە ئۇرۇپ - چېقىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.09.25

لېكىن شىنخۇا ئاگېنتلىقى جازاغا تارتىلغان 21 كىشىنىڭ ئىچىدىكى پەقەت 8 كىشىنىڭ كىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، قالغان كىشىلەرنىڭ كىملىكىنى تىلغا ئالمىغان. بۇ 8 كىشىنىڭ ئىچىدىكى 6 كىشىنىڭ ئىسمىدىن قارىغاندا بۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى مەلۇم.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئەسكەرتىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەپتىش دائىرىلىرى يەنە " ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنغان گۇماندارلارنى جازالاش ئىشلىرىنىڭ داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى"نى تەكىتلىگەن. لېكىن شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا مەلۇمات بەرگەن بۇ تەپتىش ئەمەلدارى يەنە قانچىلىك ئادەمنىڭ ئەيىبلىنىدىغانلىقىغا دائىر كونكرېت مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۇچۇر بەرمىگەن.

خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئىلگىرى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دە رەسمىي قولغا ئېلىنغانلارنىڭ 1600 يېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن كېيىنرەك ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى 718 نەپەر كىشىنىڭ رەسمىي قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى 8 - ئايدىكى بىر باياناتىدا قولغا ئېلىنغانلار ئىچىدىن 83 كىشىنىڭ رەسمىي ئەيىبلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.