بۇ يىل يەنە 10 مىڭ خىتاي ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلماقچى
2011.04.21
بۇ پىلان سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلغان «پىدائىيلارنى غەربىي رايوندا خىزمەت قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىش خىزمەت يىغىنى» دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خىتاي خەلقئارا رادىئوسىدىن بېرىلگەن خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي ياشلىرىنى غەربىي رايوندا خىزمەت قىلىشقا قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارغا دۆلەتتىن بېرىلىدىغان ياردەمنىڭ مىقدارىنى ئۆستۈرۈپ، شارائىتلىرىنى ياخشىلايدىكەن.
«پىدائىيلار» دەپ ئاتالغان بۇ خىتاي ياشلىرى ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونىدا ئاساسىي مائارىپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى، سەھىيە ساھەلىرىدە خىزمەت قىلىدىكەن. ئۇيغۇر رايونىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان خىتاي ياشلىرىنى تىزىملاش خىزمىتى 19-ئاپرېل كۈنى رەسمىي باشلانغان.
خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرى يىللاردىمۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا ئۇيغۇر رايونىغا نۇرغۇن خىتاي كۆچمەن يۆتكىگەن ئىدى.
ئۇيغۇر رايونىدا ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ياشلار ئىش تاپالماي ئىشسىز قېلىۋاتقان شۇنداقلا «قايتا تەربىيىلىنىش» ئۈچۈن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلىۋاتقان شارائىتتا خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ھەرخىل نام ئاستىدا ئۇيغۇر رايونىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى رايوندىكى مىللىي زىددىيەتنى كۈچەيتىۋاتقان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئىدى.
ئەمما خىتاي دائىرىلىرى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن مەزكۇر سىياسىتىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېلىپ بارماقتا. خىتاينىڭ سوخۇ تور بېتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 20-ئاپرېل كۈنى ھەرقايسى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنى پۈتتۈرگەن 100دىن ئارتۇق توقسۇنلۇق ياش خىتاينىڭ خۇنەن ئۆلكىسىدىكى ليېجۇ تېخنىكا مەكتىپىگە ئەۋەتىلگەن.