خىتاي ھۆكۈمىتى ياپونغا قارشى نامايىشلاردىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىدى

خىتاي خەلق گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي قانۇن ئىشلىرى مەسئۇلى جۇ يۈنكاڭ دۈشەنبە كۈنى ياپونغا قارشى نامايىشلار ھەققىدە تەلىمات بېرىپ، نامايىشلارنىڭ دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسەتمەيدىغان دەرىجىدە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.10.26

جۇ يۈنكاڭنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ياپونغا قارشى نامايىشلارنىڭ نىشانى ۋە خاراكتېرى ئۆزگىرىپ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بىر پارتىيىلىك تۈزۈمىگە قارشى نامايىشقا ئۆزگىرىپ كېتىش خەۋپىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

بىر قىسىم خوڭكوڭ ۋە ياپون ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدا شەنشى ئۆلكىسىنىڭ باۋجى شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ياپونغا قارشى نامايىشتا، بەزى نامايىشچىلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىكى پارىخورلۇققا، ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشكە قارشى شۇئارلارنىمۇ توۋلىغانلىقى بايان قىلىنغان ۋە بۇ، نامايىشچىلارنىڭ كۆپ پارتىيىلىك تۈزۈمنى تەلەپ قىلىشى دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بۈگۈن يەنە چۇڭچىڭ شەھىرىدە 500 دىن ئارتۇق نامايىشچى ياپون كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، ياپونىيىنى سېنكاكۇ ئارىلى ئۈستىدىكى ھەق تەلىپىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرغان. نامايىشچىلار يەنە قوللىرىدا ياپون ماللىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋالغان.

جۇ يۈنكاڭ تۈنۈگۈنكى سۆزىدە، نامايىشچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنىڭ ئەقلىي ئۆلچەملەردىن ھالقىپ كەتمەسلىكى ۋە ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىنتىزام چېگرىسىدىن چىقىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن تەشۋىقات خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.