خىتاي يېڭى چېگراغا بەلگىلىگەن يېڭى سېكرېتار ھازىر ئاتالغۇ ئۆزگەرتمەكتە

خىتاي يېقىندا يېڭى چېگرا (شىنجاڭ)غا بەلگىلىگەن يېڭى سېكرېتار جاڭ چۈنشەن قىلغان سۆزلىرىدە يېڭى ئاتالغۇ قوللىنىشقا باشلىدى.

"يېڭى چېگرا خەۋەر تورى" بىر ھەپتىدىن بۇيان ئېلان قىلىۋاتقان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا يېڭى چېگرا (شىنجاڭ)غا بەلگىلىگەن يېڭى سېكرېتار جاڭ چۈنشەن نەگىلا بارسا "پارتكوم خەلقنى باي قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ"، "خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە چوقۇم كاپالەتلىك قىلىش كېرەك "، "شىنجاڭنىڭ ئەتىكى مەنزىرىسى تېخىمۇ گۈزەل" دەپ سۆزلەشكە باشلىدى.

ئاغزىدىن "مۇقىملىق بىرىنچى"، "ئۈچ خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك" دېگەندىن ئۆزگە سۆز چىقمايدىغان نۇر بەكرىمۇ، ھازىر بۇنداق سۆزلەرنى تاشلاپ، يېڭى سېكرېتارنىڭ كەينىدە پاي - پېتەك بولۇپ، ئۇنىڭ قىلغان سۆزىنى تەكرارلاشقا باشلىدى.

ئەمما چەتئەلدە تۇرۇۋاتقان كۆپىنچە ئۇيغۇرلار، يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا ۋە تىبەتلەرگە قارىتا چوڭ خىتايچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، دەھشەتلىك باستۇرۇشنى توختاتمىغان، سىياسەتلىرى مەغلۇپ بولۇپ ئامالسىز قالغاندا چوڭ بۇرۇلۇش ياساپ، "ياردەم بېرىش" دېگەن نام بىلەن ئىقتىسادىي تەدبىر قوللىنىۋاتقان خۇ جىنتاۋدىن ئەمدى ياخشىلىق كېلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.