جاۋ توڭ شەھىرىدە يەرلىك ئامما ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان

سەيشەنبە كۈنى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ جاۋتوڭ شەھىرىدە ساقچىلار بىلەن شەھەر ئاھالىسى ئارىسىدا قاتتىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن. ۋەقەدە نۇرغۇن كىشى يارىلانغان.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.11.04

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەيشەنبە كۈنى نەچچە يۈزلىگەن ئامما كوچىلارغا چىقىپ شۇ جايدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تاشيول قۇرۇلۇشىغا قارشى نامايىش قىلغان. نامايىش جەريانىدا ئۇلار ساقچىلارنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، قاتتىق غەزەپلەنگەن ئامما قوللىرىغا كالتەك - توقماقلارنى ئېلىپ، قۇرۇلۇش ئاپتوموبىللىرى ۋە ساقچى ماشىنىلىرىغا ھۇجۇم قىلغان.

ئۇلار يەنە قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنى ئۇرغان. ۋەقەدە 20 دىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان، 48 ئاپتوموبىل كاردىن چىققان.

ئىگىلىنىشىچە، شەھەر ئاھالىسى تاشيول قۇرۇلۇشىغا نارازى بولغاننىڭ سىرتىدا، ھۆكۈمەت بەرگەن تۆلەمگە رازى بولمىغان ئىكەن. جاۋ توڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت قوراللىق ساقچىلارنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق ۋەقەنى تىنجىتقان. ئەمما خەۋەردە شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىنىڭ دەردىنى ئاڭلىغان ياكى ئاڭلىمىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات يوق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.