خىتاينىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئۆمرى 30 يىلغا يەتمەيدۇ

خىتاينىڭ شەھەر ۋە يىزا بىناكارلىق قۇرۇلۇشى ئىشلىرىغا مەسئۇل بىر ئەمەلدارى يېىقىندا بىر خەلقئارالىق يىغىندا سۆز قىلىپ، خىتايدىكى بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سۈپىتىنىڭ ناچارلىقى، ئۆمرىنىڭ 30 يىلدىن ئاشمايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.04.06

ئۇ يەنە ھەر يىلى ئۆرۈلگەن ۋە چېقىلغان بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرى سەۋەبلىك خىتايدا ناھايىتى زور ئەخلەت دۆۋىسى پەيدا بولۇۋاتقانلىقىنى؛ بۇنىڭ، خىتاينىڭ ھەم دۇنيانىڭ مۇھىت پاكلىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇنىڭدىن باشقا ئۇ يەنە، خىتايدا بىناكارلىق قۇرۇلۇش پلانىنىڭ يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن تۈزۈلمەيۋاتقانلىقىنى؛ پەقەت بىرىنچى ئەۋلاد كىشىلەر پلانلىغاننى ئىككىنچى ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ بۇزۇۋاتقانلىقىنى؛ خىتايدا، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكىدەك 100 يىلنىڭ ئۈستىدىكى چىدامچانلىقنى كۈتۈش مۇمكىنسىزلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر ئەمەلدار يەنە، يېقىن كەلگۈسىدە خىتايدا يەنە كۆپلىگەن بىنارلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئۆرۈلۈپ ھەر تۈرلۈك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقىنى بايقىغان.

جوڭگۇ كۈندىلىك گېزىتىنىڭ ئېنگىلىزچە سانىدىمۇ، دۇنيادا ئومۇمى ئىشلەپچىقىرىلىدىغان سىمونت، پولات، تۆمۈر قاتارلىق قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنىڭ 40% نى خىتاي ئىستىمال قىلىدىغانلىقى، ئەمما قۇرۇلۇشلارنىڭ ئۆمرىنىڭ 25 - 30 يىل ئارىسىدا ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.

بۇ خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ قەشقەر شەھىرىدىكى قەدىمىي ئۆيلەرنى ئاھالىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن چاقتۇق دېگەن چۈشەندۈرۈشىنىڭ ئاساسسىزلىقى يەنە بىر نۇقتىدىن ئىسپاتلانماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.