خىتايدا سىفلىستىن يۇقۇملىنىش بارغانچە ئېغىرلاشقان

خىتايدا سىفلىستىن يۇقۇملىنىش بارغانچە ئېغىرلىشىشقا باشلىغان بولۇپ، پەقەت بۇ يىل مايدىلا 32 مىڭ ئادەم يېڭىدىن يۇقۇملانغان. خىتاي ئاخباراتلىرىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ خىل كېسەللىك بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى يىلىغا 30 پىرسەنتتىن ئېشىشقا باشلىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.06.12

"جۇڭگو گېزىتى" دە خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى تارقاتقان بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا سىفلىس 50 يىلنىڭ ئالدىدىلا پۈتۈنلەي يوقىتىلغان بولسىمۇ، يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە تىزدىن كېڭىيىپ، خىتايدىكى بەش چوڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

2003 - يىلدىن 2008 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا سىفلىسنىڭ ئانىدىن - بالىغا يۇقۇش نىسبىتىمۇ تىز سۈرەتتە ئۆرلىگەن. فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، خىتايدا جىنسىي سۇدىمۇ كەڭ دەرىجىدە ئەۋج ئالغان. بۇ خىلدىكى سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خىتاي ئاياللىرى 6 مىليونغا يەتكەن. ئەمما باشقا مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەر بۇ ساننىڭ ئىككى ھەسسە كۆپ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا خىتايدا جىنىسداشلار - ئارا مۇھەببەتلىشىشمۇ سىفلىسنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدە مۇئەييەن دەرىجىدە رول ئوينىغان. بۇ خىل كېسەللىك باشقا دۆلەتلەردە ئاساسەن يوقىتىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.