"جۇڭگو گېزىتى" دە خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى تارقاتقان بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدا سىفلىس 50 يىلنىڭ ئالدىدىلا پۈتۈنلەي يوقىتىلغان بولسىمۇ، يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە تىزدىن كېڭىيىپ، خىتايدىكى بەش چوڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
2003 - يىلدىن 2008 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا سىفلىسنىڭ ئانىدىن - بالىغا يۇقۇش نىسبىتىمۇ تىز سۈرەتتە ئۆرلىگەن. فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، خىتايدا جىنسىي سۇدىمۇ كەڭ دەرىجىدە ئەۋج ئالغان. بۇ خىلدىكى سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خىتاي ئاياللىرى 6 مىليونغا يەتكەن. ئەمما باشقا مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەر بۇ ساننىڭ ئىككى ھەسسە كۆپ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۇنىڭدىن باشقا خىتايدا جىنىسداشلار - ئارا مۇھەببەتلىشىشمۇ سىفلىسنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىدە مۇئەييەن دەرىجىدە رول ئوينىغان. بۇ خىل كېسەللىك باشقا دۆلەتلەردە ئاساسەن يوقىتىلغان.