خىتاينىڭ شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى 'چېگرا سىرتىدىكى تېررورچىلار جۇڭگوغا ھۇجۇم قىلماقچى' دەپ جاكارلىغان

خوڭكوڭدا چىقىدىغان 'مىڭپاۋ گېزىتى' نىڭ بۈگۈنكى مەخسۇس خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى ئىشخانا مۇدىرى، باياناتچىسى لى لى مۇخبىرلارغا ' شەرقىي تۈركستان ئىسلام ھەرىكىتى قاتارلىق چېگرا سىرتىدىكى تېررورچى تەشكىلاتلار ھازىر جۇڭگوغا قايتىدىن ھۇجۇم قوزغاشنى پىلانلاپ ئادەم تەربىيلەۋاتىدۇ' دەپ جاكارلىغان.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ باياناتىدا يەنە 'دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىدىكى رابىيە قادىر قاتارلىق بۆلگۈنچىلەر شىنجاڭ مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر مەسىلىسى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى دېگەن ناملار بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۈستىدە ئېغۋا تارقىتىۋاتىدۇ' دەپ كۆرسۈتۈلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ باياناتنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار 3 ‏- نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ يىغىنىنى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئېچىۋاتقان ۋاقىتتا ئېلان قىلدى.