خوڭكوڭدا ئون مىڭدىن ئارتۇق كىشى نامايىش قىلىپ خوڭكوڭ ۋالىيسىنىڭ ئىستېپا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى

سەيشەنبە كۈنى خوڭكوڭدا ئون مىڭدىن ئوشۇق كىشى نامايىش قىلىپ، خوڭكوڭ ۋالىيسى لياڭ جېڭيىڭنى ئىستېپا بېرىشكە چاقىردى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013.01.01

يېڭى يىلنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا كىشىلەر قوللىرىغا خوڭكوڭ ۋالىيسى ئادەم قېنى ئىچىدىغان مەخلۇققا ۋە بۆرىگە ئوخشىتىپ سىزىلغان رەسىملىك لوزونكىلارنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ نامايىش قىلغان ۋە «خوڭكوڭ خەلقى ئۆز ۋالىيسىنى ئۆزى سايلاپ چىقىشى كېرەك»، دەپ شوئار توۋلىغان.

لياڭ جېڭيىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن كىشى بولۇپ، ئۇ تېخى يېرىم يىل ئاۋۋاللا خوڭكوڭ ۋالىلىيلىقىغا تەيىنلەنگەن ئىدى. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچى ئىزچىل تۆۋەنلەپ بارغان. ئۇلار ئۇنىڭ سەمىمىيىتىدىن گۇمانلىنىدىكەن ۋە ئۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بېرى خەلق تۇرمۇشىنىڭ ناچارلاپ، ئىجتىمائىي، سىياسىي ھوقۇقلىرىنىڭ چېكىنىپ كەتكەنلكىگە ئىشىنىدىكەن.

13 مىڭدىن ئارتۇق نامايىشچىنىڭ قاتناشقانلىقى تەخمىن قىلىنىۋاتقان بۇ نامايىش جەريانىدا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلگەن شوئارلار توۋلانغان. كىشىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىدىن خوڭكوڭ خەلقىنىڭ سايلاش ھوقۇقىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. نامايىش جەريانىدا يەنە خوڭكوڭ ئەنگلىيىگە تەۋە ۋاقىتتا ئىشلەتكەن بايراقلارنىڭ ئېچىلغانلىقى مەلۇم. 1-يانۋار كۈنى خوڭكوڭ ساقچى دائىرىلىرى 62 ياشلىق بىر كىشىنى بۇزۇپ-يىرتىلغان بىر خىتاي دۆلەت بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۈگۈنكى نامايىشنى كونترول ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن خوڭكوڭ دائىرىلىرى 1000 دىن ئارتۇق ساقچىنى يۆتكەپ بارغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.