خۇ جىنتاۋنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 88 يىللىقى ھارپىسىدا، دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلىشى، خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى سىياسىي كۆزەتچىلەر ئارىسىدا مۇنازىرىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈۋاتقان بولۇپ، ب ب س نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى پەلسەپە تەتقىقاتچىسى شۈ يۆيۈنىڭ كۆز قاراشلىرىدىن نەقىل ئېلىشىچە، "خۇ جىنتاۋنىڭ دېموكراتىيىنى تەكىتلىشى، خىتاي كومپارتىيىسى ئىچىدە بۇ خىل تەلەپنىڭ كۈچلۈكلىكىنى كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا پارتىيە ئىچىدە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇزۇندىن بېرى ھەل بولماي كېلىۋاتقان نازۇك مەسىلە بولۇپ، شۇڭا خۇ جىنتاۋ 1 - ئىيۇل پارتىيە قۇرۇلغان خاتىرە كۈنىدىن بۇرۇن بۇ ھەقتە چوقۇم بىر جاۋاب بېرىشى زۆرۈر. ئەمما خىتاي كومپارتىيىسى ئىچىدە كۆپ ساندىكىلەر ئاز ساندىكى باشقۇرغۇچىلارغا ئىتائەت قىلىش پرىنسىپىنىڭ ئۆزىلا خىتاي كومپارتىيىسى ئىچىدە دېموكراتىيىنىڭ ئەمەلىيلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ."
نۆۋەتتە خىتايدا يىلىغا 10 مىليوندىن كۆپ ئادەم پارتىيىگە كىرىۋاتقان بولسىمۇ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ياخشىراق خىزمەت ھەم ھوقۇققا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىپ پارتىيىگە كىرىۋاتقان ياشلار ھەم ئوتتۇرا ياشلار ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەۋاتقان بولۇپ، كۈزەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسى ئىچىدە شەخسىي مەنپەئەتپەرەسلىك كۈچلەنگەن بۇ خىل ھالەتتە ۋە بۇ يۆنىلىشتە دېموكراتىيىنىڭ ئىشقا ئېشىشىمۇ مۇمكىنچىلىكتىن يەنىمۇ يىراقلاشماقتا.