سوئېۋندال دانىيىنىڭ بالتىق دېڭىزىدىكى بورنخولم ئارىلىدا مۇخبىرلارغا ئەسكەرتىپ، جۈمە كۈنى كوپېنھاگېندا ياڭ جيېچى بىلەن كۆرۈشكەندە: مەن بىزنىڭ پىكىر بىرلىكىمىز بولمىغان كىشىلىك ھوقۇق، تىبەت قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىمەن، دېگەن.
ئۇ، تىبەت ۋەزىيىتى ۋە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە يەنە ئاساسلىق سۈرىيە مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى ۋە مەزكۇر مەسىلىدە خىتاينىڭ تېخىمۇ ئىجابىي رول ئوينىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ياڭ جيېچىنىڭ ھەمراھلىقىدىكى بىر خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى باشلاپ پەيشەنبە كۈنى دانىيە زىيارىتىنى باشلىغان ئىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خۇ جىنتاۋنىڭ زىيارىتى باشلىنىشتىن سەل بۇرۇن دانىيە باش مىنىستىرى ھېللې تورنىڭ شمېدقا خەت يېزىپ، قورال-ياراق سودىسىغا چەكلىمە قويۇش مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغان. خىتاي ب د ت ئەھدىنامىسىنىڭ كىچىك تىپلىق قورال-ياراق سودىسىنى كونترول قىلىشقا دائىر بەزى ماددىلىرىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن.
دانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يەنە مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ: مەن يەنە دۇنيانىڭ قورالسىزلىنىش ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلىمەن. دۇنيايىمىز تېخىمۇ كۆپ قورال-ياراق ۋە توقۇنۇشقا ئېھتىياج ئەمەس، دەپ تەكىتلىگەن. دانىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى 2009-يىلى دانىيە باش مىنىستىرلىرىنىڭ دالاي لامانى ھۆكۈمەتنىڭ رەسمىي سارىيىدا كۈتۈۋېلىشىدىن كېيىن سوغۇقلىشىپ كەتكەن ئىدى.