ھالبۇكى، تەيۋەن دائىرىلىرى ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىنلىشىشى ياپون بىلەن بولغان دىپلوماتىيىسىگە تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەلقئارا جەمئىيەتمۇ گەرچە ما يىڭجيۇ يېقىندىن بۇيان ياپونىيىگە بىر قانچە قېتىم ۋەكىل ئەۋەتىپ ئۇنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ياپونىيە - تەيۋەن ئارىسىدا تەسىر پەيدا قىلمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتە تەيۋەندە خىتايغا قاراتقان تاشقى سىياسەت، بولۇپمۇ خىتايپەرەسلىك قارىشى ئېغىرراق بولغان گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ تۈرتكىسىدە ئىككى قىرغاق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بارغانچە يېقىنلىشىشى، ئەكسىچە تەيۋەن بىلەن ياپون مۇناسىۋىتىگە سوغۇق ھاۋا ئېلىپ كېلىشىدىن ياپونىيىدە ئەندىشە پەيدا بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ياپون سىياسىي مۇلاھىزىچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ھەربىي تەھدىتى مەسىلىسى يەنىلا ئەڭ جىددىي مەسىلە، خىتاي ھەربىي تەھدىتىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشتا ما يىڭجيۇ ياپونىيە بىلەن تەيۋەننىڭ ئۇزۇن يىللىق ھەمكارلىقىنى ساقلاش بىلەن تەڭ ئىككى دۆلەت سىياسىي، ئىقتىسادى ھەمكارلىقىنى ئەڭ ئالدىنقى مۇھىم ئورۇنغا قويغاندىلا،ياپونىيىنىڭ بۇ خىل ئەندىشىسى يوقىشى مۇمكىن.