«ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسى» سەۋەبلىك ئۈرۈمچىدە بارلىق مەكتەپلەرنىڭ دەرس ۋاقتى كېچىكتۈرۈلدى

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 1-سېنتەبىردىن 5-سېنتەبىرگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان «ياۋرو ئاسىيا يەرمەنكىسى» نىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ ئالىي مەكتەپلەرگىچە بولغان بارلىق مەكتەپلەرنىڭ دەرس باشلىنىش ۋاقتىنىڭ 6-سېنتەبىرگە سۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2011.08.23

رادىئومىز ئۈرۈمچىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچىگە كىرىدىغان بارلىق قاتناش تۈگۈنلىرىگە تەكشۈرۈش پونكىتلىرى قۇرۇلغان، ئاپتوموبىللار تەكشۈرۈلۈپ، يولۇچىلارنىڭ كىملىكى خاتىرىلەنگەن.

18-ئىيۇل خوتەن ۋەقەسى ھەم 30، 31-ئىيۇل قەشقەر ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

قەشقەر ۋەقەسىدىن كېيىن، دائىرىلەر«يىلپىز ئەترىدى» ناملىق ئالاھىدە ئەترەتنى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىگە يۆتكەپ كېلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆكتەبىر ئېيىغىچە زەربە بېرىش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، 39 ئورۇنغا ئالاھىدە تەكشۈرۈش پونكىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.